ئىسلام دىنىنىڭ ئىقتىسادىي تۈزۈمى

ئىسلام ئىنسانلارنىڭ ئىقتىسادىي ئىشلىرىنىڭ ھەق، ئادالەت ۋە راستچىللىق ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن پرىنسىپلارنى بەلگىلىدى. پۇل-مال كىرىم قىلىش، ئىشلىتىش، كۆپەيتىش قاتارلىق ئىشلارنى مۇشۇ بەلگىلەنگەن پرىنسىپلار بويىچە ئېلىپ بېرىشقا بۇيرىدى. مال-مۈلۈكنى كۆپەيتىشتىكى ئىشلەپ چىقىرىش ۋە ئالماشتۇرۇشنىڭ شەكىللىرى قانداق بولسا بولسۇن، ئىسلام بۇنىڭدا مەلۇم بىر شەكىلگىلا ئېسىلىۋالمايدۇ. بۇ شەكىللەر بولسا زاماننىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. ئۇنى ۋاقىت ۋە مۇھىت ئۆزى بەلگىلەيدۇ. ئىسلام ھەر زامان ۋە ھەر ھالەتتە ئىنسانلارنىڭ ئىقتىساد ئىشلىرى قايسى شەكىلدە بولسا بولسۇن، بۇ پرىنسىپلارنىڭ مۇقىم تۇرۇشىنى ۋە بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىنىشنى خالايدۇ.

ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى

ئىسلامىي نۇقتىئىنەزەردىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئاللاھ تائالا زېمىن ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق نەرسىلەرنى ئىنسانلار ئۈچۈن ياراتقان. مۇشۇ زېمىندىن ئۆز رىزقىنى تېپىشقا تېرىشىش ھەر ئىنساننىڭ ھەققىدۇر. بۇ ھوقۇقتا ھەممە ئىنسانلار باراۋەر. ھەقدارلىق ۋە شېرىكچىلىك يولى بىلەن ھېچكىمنى بۇ ھوقۇقتىن مەھرۇم قىلىشقا بولمايدۇ. بۇ ھوقۇقتا بىراۋدىن يەنە بىراۋنى ئارتۇق كۆرۈشكىمۇ بولمايدۇ. بىرەر شەخس، جەمەت ياكى تەبىقىنى بىرەر كەسىپ ياكى ئىقتىسادىي يوللاردىن چەكلەپ قويمايدۇ. بەزى كىرىم قىلىش ۋاستىلىرىنى ۋە كەسىپلەرنى بىر ئائىلە، نەسەب ياكى تەبىقىگە خاس قىلىپ، باشقىلارنى ئۇنىڭدىن مەھرۇم قىلىش شەرىئەتتە توغرا بولمايدۇ. ئاللاھ ياراتقان زېمىندىكى كىرىم قىلىش ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىپ، رىزقىنى تېپىپ يېيىشكە تېرىشىش ھەممە ئىنساننىڭ ئورتاق ھەققىدۇر. بۇ تىرىكچىلىكنىڭ يولى ھەممىگە ئوچۇق بولىشى كېرەك. ئىنسانلارنىڭ مېھنىتىسىز پەيدا بولغان تەبىئىي نېمەتلەردىن ھەر بىر كىشى ئۆز ئېھتىياجىغا قاراپ پايدىلانسا بولىدۇ. مەسىلەن: دەريا، بۇلاقنىڭ سۇلىرى، جاڭگالدىكى ئوتۇن-ياغاچلار، ئۆزى ئۆسۈپ قالغان دەرەخلەرنىڭ مېۋىلىرى، ئۆت-چۆپلەر، سۇ، ھاۋا، تاغ-باياۋانلاردىكى ھايۋانلار ۋە زېمىن ئۈستىدىكى كان-بايلىقلىرى قاتارلىقلارنى بىر كىمنىڭ باشقۇرىۋېلىش ۋە ئىگىلىۋېلىش ھوقۇقى بولمايدۇ، ھەقسىز پايدىلىنىشقا چەكلىمە قويۇلمايدۇ. ئەمما تىجارەت مەقسىتىدە بۇ نەرسىلەردىن كۆپ مىقداردا ئېلىم-سېتىم قىلغانلارغا ھۆكۈمەت تەرەپتىن باج قويۇلىدۇ.

ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ياراتقان نەرسىلەرنى ئىشلەتمەي بېسىپ يېتىۋېلىش توغرا ئەمەس، ئۇ نەرسىلەردىن ياكى ئۆزى پايدىلىنىش كېرەك ياكى باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە بېرىش كېرەك. شۇنىڭغا ئاساسەن ئىسلام قانۇنى شۇنداق ھۆكۈم چىقىرىدۇكى ھېچكىمنىڭ تېرىلغۇ يېرىنى ئۈچ يىلدىن ئارتۇق بىكار ئاق تاشلىۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر ئۇ تېرىلغۇ يېرىگە قۇرۇلۇش بىنا قىلماي، ئۆسۈملۈك تېرىماي ياكى ھېچقانداق بىر ئىشقا ئىشلەتمەي تاشلاپ قويسا، ئۈچ يىل توشقاندىن كىيىن ئۇ يەر تاشلاندۇق يەر قاتارىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ. كىم كېلىپ ئىشلەتسە بولىدۇ. ئىگىسىنىڭ دەۋا قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ. ئىسلامىي ھۆكۈمەتنىڭ ئۇنى ئەسلى ئىگىسىدىن باشقا بىر كىمگە ئېلىپ بېرىش ھوقۇقى بولىدۇ.

كىمكى تەبىئەت خەزىنىسىدىكى ھەر قانداق بىر نەرسىگە ئەجىر سىڭدۇرۇپ، قابىلىيىتى ۋە ئەمگىكى ئارقىلىق ئۇنىڭدىن پايدىلىق بىر نەرسە ئىشلەپ چىقارسا ياكى ئىشلەتكىلى بولىدىغان ھالغا كەلتۈرسە، ئۇ نەرسە ئۇنىڭ مۈلكى ۋە ئۇ كىشى ئۇنىڭ ئىگىسى بولىدۇ. مەسىلەن: بىر ئادەم بوز يەرنى ئېچىپ پايدىلىق ئىشلارغا ئىشلەتسە، ئۇ يەر ئۇنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولىدۇ. ئۇنىڭ بۇ مۈلكىگە ھېچكىم دەخلى-تەرۇز قىلالمايدۇ. ئىسلامىي مەنبەلەرگە ئاساسەن دۇنيادىكى بارلىق ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىنىڭ باشلىنىشى مۇشۇنداق بولغان. بۇرۇن ئىنسانلار زېمىندا ئولتۇراقلىشىشقا باشلىغاندا ھەممە نەرسە ھەر كىم ئۈچۈن ھەقسىز ئىدى. كىم بۇ ھەقسىز نەرسىلەرنى ئۆز ئىگىدارچىلىقىغا ئېلىپ، پايدىلىنىشقا يارايدىغان قىلسا، ئۇنىڭ ئىگىسى بولۇپ قالغان، يەنى ئۇ نەرسە شۇ كىشى ئۈچۈن خاس بولۇپ، باشقىلار ئىشلەتمەكچى بولسا، ئىگىسى ئۇنىڭدىن ھەق تەلەپ قىلىدىغان ھالەت شەكىللەنگەن. مانا بۇ ئىنسانلارنىڭ ئىقتىساد پائالىيەتلىرىنىڭ تەبىئىي ئاساسى، بۇ ئاساس ئۆز ئورنىدا تۇرۇشى كېرەك.

كىمكى دۇنيادا قانۇنلۇق يوللار بىلەن ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىغا ئېرىشكەن بولسا، ئۇنىڭ ھوقۇقى ھەر ھالەتتە ھۆرمەتلىنىشى ۋە قوغدىلىشى كېرەك. ئەگەر مۇنازىرىلىشىدىغان ئىش بولسا، پەقەت بۇ ئىگىدارچىلىق قانۇنىي جەھەتتىن توغرىمۇ ياكى خاتامۇ دېگەن تېمىدا مۇنازىرە قىلىشقا بولىدۇ. قانۇنسىز يوللار بىلەن ئىگىلىنىۋېلىنغان يەر تارتىۋېلىنىشى كېرەك. ئەمما قانۇنلۇق توغرا يول بىلەن ھاسىل قىلىنغان ئىگىدارچىلىق بولسا، ھەر قانداق ھۆكۈمەت ۋە قانۇن تۈزۈش ئورگانلىرىنىڭ ئۇنى تارتىۋېلىش ياكى ئىگىلىرىنىڭ قانۇنى ھوقۇقلىرىنى ھەر قانداق ئۇسۇل بىلەن كېمەيتىۋېتىش ھەققى يوق. ئاممىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن دېگەن نام بىلەن ئىسلام شەرىئىتى بەرگەن شەخسىي ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىدىغان ھەر قانداق قانۇن تۈزۈشكە بولمايدۇ. ئاممىنىڭ مەنپەئەتىنى دەپ شەخىسنىڭ ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلماسلىقنى شەرىئەت ئۆزى بەلگىلىگەن. بۇ بەلگىلەنگەن ھوقۇقنى كېمەيتىۋېتىش ياكى چەكلەش قانچىلىك زۇلۇم بولغان بولسا، ئۇنىڭدىن ئاشۇرۇۋېتىش ۋە قوشۇپ قويۇشمۇ شۇنچىلىك زۇلۇم ھېسابلىنىدۇ. ئىسلامىي ھۆكۈمەتنىڭ مەجبۇرىيەتلىرىدىن بىرى كىشىلەرنىڭ شەخسىي ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىنى قوغداش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلاردىن ئاممىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن شەرىئەت كۆرسىتىپ بەرگەننى ئېلىشتۇر. مانا بۇ ئىسلامنىڭ شەخسىي ۋە كوللېكتىپ ئىگىدارچىلىقنى تەڭشەش ئۇسۇلى.

تەقسىماتتىكى تەڭلىك مەسىلىسى

ئاللاھ تائالا نېمەتلەرنى تەقسىم قىلىشتا تەڭلىكنى ئاساس قىلمىغان، بەلكى ئۆز ھېكمىتى بىلەن بەزى ئىنسانلارغا بەزىسىدىن ئارتۇق بەرگەن، مەسىلەن: گۈزەللىك، يېقىملىق ئاۋاز، تەن ساقلىق، جىسمانىي كۈچ، ۋە زېھنىي قابىلىيەت قاتارلىقلاردا ھەممەيلەن باراۋەر ئەمەس. شۇنىڭدەك رىزقمۇ بەزىلەرگە كۆپ، بەزىلەرگە ئاز بېرىلگەن. ئاللاھ ياراتقان تەبىئەتنىڭ ئۆزى ھەم ئىنسانلارنىڭ قابىلىيەت جەھەتتە بىر-بىرىدىن پەرقلىق بولغىنىدەك رىزىق جەھەتتىمۇ پەرقلىق بولۇشنى تەقەززا قىلىدۇ. شۇڭا ئىسلامنىڭ قارىشىدا ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا بىر سۈنئىي ئىقتىسادىي باراۋەرلىك قۇرۇش ئۈچۈن تۈزۈلگەن تەدبىرلەر غايە ۋە پرىنسىپ جەھەتتىن خاتا دەپ قارىلىدۇ. يەنە رېئاللىقىمۇ ئۇيغۇن ئەمەس. ئىسلام رىزىق جەھەتتىكى باراۋەرلىككە ئەمەس، بەلكى رىزقنىڭ يوللىرى، كىرىم قىلىش ۋاستىلىرى ۋە پۇرسەتلىرى جەھەتتىكى باراۋەرلىكنى قوللايدۇ. ئىسلام جەمئىيەتتە ھەر كىم ئۆز قابىلىيەت ۋە ئىقتىدارىغا يارىشا تىرىكچىلىك ۋە كەسىپ قىلىشنى چەكلەيدىغان قانۇننى رەت قىلىدۇ. يەنە بەزى جەمەت، تەبىقە، ئىرق، گورۇھ، ئائىلەرنىڭ باشقىلاردىن ئالاھىدە پەرقلىق بولۇشىنى ھىمايە قىلىدىغان ئىجتىمائىي تۈزۈمنىمۇ خالىمايدۇ. مانا بۇ ئىككى ئۇسۇل تەبىئىي باراۋەرسىزلىكنىڭ ئورنىغا مەجبۇرىي بىر باراۋەرسىزلىكنى پەيدا قىلىپ قويىدۇ. ئىسلام ئۇنداق ياسالما باراۋەرسىزلىكنىڭ ئورنىغا بىر تەبىئىي باراۋەرسىزلىكنى قويىدۇ. دېمەك ئىسلام ياسالما باراۋەرسىزلىكنىڭ ئورنىغا جەمئىيەتتە ھەر شەخىسكە تىرىكچىلىك پۇرسەتلىرى كەڭرى ئېچىلغان تەبىئىي مۇھىت پەيدا قىلىشنى خالايدۇ. بەزى كىشىلەر ئىشلەپ-چىقىرىش ۋاستىلىرى ۋە نەتىجىسى جەھەتتىن ھەممە ئادەمنى مەجبۇرىي باراۋەر قىلىشنى خالايدۇ، ئەمما ئىسلام بۇنىڭغا قوشۇلمايدۇ، چۈنكى ئۇلار تەبىئىي باراۋەرسىزلىكنى ياسالما باراۋەرلىككە ئۆزگەرتمەكچى بولىدۇ. تەبىئىيلىككە ئەڭ يېقىن تۈزۈم شۇكى، ھەركىم تىرىكچىلىك مەيدانىدا ئاللاھ تائالا بەرگەن قابىلىيەت ۋە ئىقتىدارىغا يارىشا ئىش قىلىشتۇر. مەسىلەن: كىمگە ماشىنا بېرىلگەن بولسا، ئۇ ماشىنىسى بىلەن ماڭسۇن، ئىككى پۇتىدىن باشقا نەرسىسى بولمىسا، پىيادە ماڭسۇن. كىمكى ھاسا تاياق بىلەن ماڭىدىغان توكۇر بولسا، ھاسا-تاياق بىلەن ماڭسۇن. ماشىنىسى بار كىشىنىڭ داۋاملىق ماشىنىدا يۈرۈشنى قوللاپ، توكۇرنىڭ ماشىنىغا ئېرىشىشىگە توسقۇنلۇق قىلماسلىق كېرەك. ھەممىگە ئىمكانىيەت تولۇق ھازىرلىنىشى كېرەك. شۇنداق بولغاندا توكۇر ھاسىسى بىلەن مېڭىپ ئۆز تىرىشچانلىقى ۋە قابىلىيىتى بىلەن ماشىنىغا ئېرىشەلەيدۇ.

ئىجتىمائىي ئادالەت

ئىسلام پەقەت ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى تىرىكچىلىك مۇسابىقىسى ۋە ئىقتىسادىي رىقابەتكە قاتنىشىش يوللىرىنى ھەممىگە ئوچۇق بايان قىلىپلا بولدى قىلماستىن، بۇ مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ بىر-بىرىگە رەھىمدىل ۋە ياردەمچى بولۇشىنى، رەھىمسىز ۋە قاتتىق قول بولماسلىقىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. بىر تەرەپتىن كىشىلەرنىڭ ئېڭىگە ئىگە-چاقىسىز، يېتىم-يېسىرلارغا ياردەم قوللىرىنى سۇنۇش توغرىسىدا ئەخلاقىي تەلىماتلارنى سىڭدۈرسە يەنە بىر تەرەپتىن جەمئىيەتتە يېتىم-يېسىر، مېيىپ، ئىگە-چاقىسىز ئاجىزلارنىڭ تۇرمۇشىغا ئىزچىل كاپالەتلىك قىلىدىغان پاراۋانلىق ئورگانلىرىنى قۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ. تىرىكچىلىك كۆرىشىگە قاتنىشالمىغان بىچارىلەر ئەنە شۇنداق ئورگانلاردا پاناھلانسۇن، تەلىيى ئوڭدىن كەلمەي يىقىلىپ چۈشكەنلەرنى بۇ ئىدارە يۆلەپ قويسۇن، بۇ مەيدانغا چۈشۈشتە ياردەمگە موھتاج بولغانلار بولسا، ياردەم قىلىنسۇن! دەيدۇ. مۇشۇ مەقسەتتە ئىسلام قانۇنىنىڭ روھىغا ئاساسەن مۇنداق بەلگىلىمە چىقاردى: ھەر يىلى دۆلەتنىڭ ئومۇمى بايلىقىدىن يىگىرمە بەش پىرسەنت، شۇنىڭدەك تىجارەت مېلىدىن ئىككى يىرىم پىرسەنت زاكات ئېلىش، بارلىق ئۆشرىلىك يەرلەردىن چىققان دانلار ۋە مېۋىلەردىن ئون پىرسەنت ياكى بەش پىرسەنت، بەزى كان بايلىقلىرىدىن يىگىرمە پىرسەنت، يەنە چارۋا ماللاردىن سانىغا قاراپ يىللىق زاكات ئېلىپ، توپلانغان بارلىق پۇل-ماللارنى پېقىر-مىسكىنلەر، يېتىم-يېسىرلار، مېيىپ ۋە باشقا ھاجەتمەنلەرگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىشكە بۇيرىدى. بۇ شۇنداق ئىجتىمائىي كاپالەت بولۇپ، ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقى نەتىجىسىدە ئىسلام جەمئىيىتىدىكى ھەر قانداق كىشى ھاياتنىڭ مۇھىم زۆرۈرىيەتلىرىدىن ھەرگىز مەھرۇم بولۇپ قالمايدۇ. ھەرقانداق بىر خىزمەتچى يوقسۇزلۇقتىن خىزمەتتىكى زاۋۇت باشلىقى ياكى يەر ئىگىسىنىڭ قويغان يولسىز شەرتلىرىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالمايدۇ. ھېچكىم كېسىلىنى دوختۇرخانىدا داۋالىتالمىغۇدەك دەرىجىدە نامرات ئورۇنغا چوشۇپ قالمايدۇ. ھەر بىر شەخسنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەمدىن چۈشۈپ كەتمەيدۇ.

ئىسلام شەخس بىلەن ئومومنىڭ ئوتتۇرىسىدا شەخسىي ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكنى تەشەببۇس قىلىدۇ ۋە ئومۇمنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن شەخسنىڭ ئەركىنلىكى زىيانغا ئۇچرىمايدىغان بىر ئۆلچەم تۇرغۇزۇشنى خالايدۇ. ئىسلام ئومۇمنىڭ مەنپەئەتىنى دەپ شەخسنىڭ ھوقۇقىنى يەۋېتىدىغان ۋە شەخسنىڭ تۇغما قابىلىيەتلىرىنىڭ تەرەققى قىلىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئەركىنلىكىنى يوق قىلىۋېتىدىغان ھەر قانداق سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تۈزۈمنى ياخشى كۆرمەيدۇ. قايسى بىر دۆلەتنىڭ بارلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرىنى خەلقنىڭ مۈلكى قىلىپ قويۇشنىڭ نەتىجىسى دۆلەتتىكى بارلىق كىشىلەرنى ئومۇمنىڭ ئىسكەنجىسىگە باغلاپ قويغانلىق بولۇپ، بۇ ھالەتتە شەخسنىڭ تەرەققى قىلىشى ۋە ئالغا ئىلگىرىلىشىگە توسالغۇ بولىدۇ بەلكى ئالغا ئىلگىرىلەش مۇمكىن بولمايدۇ. شەخس ئۈچۈن سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئەركىنلىك قانچىلىك زۆرۈر بولغان بولسا، ئىقتىسادىي ئەركىنلىكمۇ شۇنچلىك مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.

بىز ئادىمىگەرچىلىكنى پۈتۈنلەي يوقىتىۋېتىشنى خالىمايمىز، پەقەت جەمئىيەتتە ئاللاھنىڭ ھەر بىر بەندىسى ئۈچۈن ئۆز رىزقىنى تېپىپ يېيىشكە پۇرسەت بولۇشىنى، ئەقلىي ۋە ئەخلاقىي قابىلىيەتلىرىنى خالىغانچە جارى قىلدۇرۇشقا شەرت-شارائىت بولۇشىنى خالايمىز. ھەقىقەت شۇكى ئاچقۇچى باشقىلارنىڭ قولىدا بولغان چەكلىك مائاش بىلەن ئادەمنىڭ كۆڭلى تىنمايدۇ. ئەگەر ئۇ مائاشنىڭ مىقدارى كۆپ بولۇپ قوساقنى تويغۇزۇپ، بەدەننى سەمرىتكەن تەقدىردىمۇ ئالغا ئىلگىرىلىيەلمەسلىك ۋە باشقىلارغا بېقىنىپ قىلىشتىن كېلىپ چىققان زىياننىڭ ئورنىنى تولدۇرالىشى مۇمكىن ئەمەس. شۇنىڭدەك يەنە ئىسلام كىشىلەرنى يۈگەنسىز ئەركىن تاشلىۋېتىدىغان، خالىغىنىنى قىلىپ خەلققە زىيان يەتكۈزسە ئەركىنلىك دەپ قارايدىغان ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي تۈزۈملەرنى قوبۇل قىلمايدۇ. ئىسلام مۇشۇ ئىككى چەكلىمە ۋە ئەركىنلىك ئوتتۇرىسىدا بىر يول تۇتقان بولۇپ، باشتا شەخسكە ئاممىغا قارىتا بىر نەچچە خىل چەكلىمە ۋە مەسئۇلىيەتلەرنى ئارتىپ، ئاندىن ئۇنى ئۆزىنىڭ ئىشىدا ئەركىن قويۇپ بېرىدۇ. بۇ چەكلىمە ۋە مەسئۇلىيەتلەرنىڭ ھەممىنى بۇ يەردە تەپسىلى بايان قىلىشقا ئورۇن يوق، شۇڭا مەن ئۇلارنىڭ قىسقىچە مەزمۇنىنى بايان قىلىمەن.

مەسئۇلىيەت ۋە چەكلىمىلەر

ئىسلام پۇل تېپىشنىڭ ۋاستىلىرىنى ئوچۇق بايان قىلىپ، ھالال ۋە ھارامنىڭ چەك-چېگرىسىنى شۇنداق ئېنىق ئايرىپ بەردىكى، دۇنيادىكى ھېچقانداق قانۇن ئۇنداق ئېنىق ئايرىغان ئەمەس. ئىسلام بىر ئادەم باشقىلارغا ۋە ياكى پۈتۈن جەمئىيەتكە ماددىي ياكى مەنىۋىي، ئەخلاقىي ياكى ئىقتىسادىي جەھەتتىن زىيان يەتكۈزۈپ پۇل تاپىدىغان بارلىق ۋاستىلارنى ھارام دەپ بەلگىلەيدۇ. ئىسلام شەرىئىتى ھاراق، زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى ئىستېمال قىلىش، ئېلىپ-سېتىش، پاھىشە، ناخشا-ئۇسۇل بىلەن جان بېقىش، قىمار، رەمباللىق، جازانىخورلۇق، ئالدامچىلىق، قويمىچىلىق، ئىككى تەرەپنىڭ بىرسىگە جەزمەن پايدا بولىدىغان كۆز بويامچىلىق تىجارەتلىرى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنىڭ باھاسىنى ئۆستۈرۈۋېلىش قاتارلىق جەمئىيەتكە ھەر قايسى جەھەتتىن زىيان يەتكۈزىدىغان ئىشلارنى قەتئىي ھارام قىلىدۇ. مۇشۇ نۇقتىئىنەزەردىن سىز ئىسلام دىنىنىڭ ئىقتىسادىي تۈزۈمىنى دىققەت بىلەن ئانالىز قىلىدىغان بولسىڭىز، بىر ئۇزۇن تىزىملىك كۆزىڭىزگە كۆرۈنىدۇ. ئۇ تىزىملىكتە نۇرغۇنلىغان ھارام يوللار بولۇپ، ھازىرقى كاپىتالىستىك تۈزۈمنىڭ ئاستىدا كىشىلەر شۇ يوللار بىلەن مىليونېر بولماقتا. ئىسلام بۇ ھارام يوللارنى قانۇنىي جەھەتتىن ھارام دەپ چەكلەيدۇ. ئىسلام كىشىلەرگە پەقەت باشقىلارنى ھەقىقىي رازى قىلىپ، ئىشىنى قىلىپ بېرىپ، ئادىللىق بىلەن ھەققىنى ئالىدىغان، توغرا يوللار ئارقىلىق پۇل تېپىش ئەركىنلىكىنى بېرىدۇ.

ئىسلام ھالال يوللار بىلەن تاپقان پۇل-ماللارغا قارىتا شەخسىي ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ، لېكىن بۇ ھوقۇقمۇ چەكسىز بولمايدۇ. ھالالدىن تاپقان مال-مۈلۈكنى توغرا ۋاستىلەر ئارقىلىق توغرا يوللارغا ئىشلىتىشگە بەلگىلىمە قويىدۇ. شۇنداق بەلگىلىمە ۋە چەكلىمىلەرگە بويسۇنۇش ئارقىلىق ئىنسان پاك ۋە كۆڭۈللۈك تۇرمۇش كەچۈرەلەيدۇ. بۇ چەكلىمىلەر ئۇنى پۇل-مالنى ھەددىدىن زىيادە سەرپ قىلىش، ئەيش-ئىشرەتكە ئىشلىتىش، ئۆزىنىڭ بايلىقى ۋە شان-شەۋكىتىنى كۆز-كۆز قىلىش ھەمدە ئۆزىنى ھەممىدىن ئۈستۈن كۆرۈپ، باشقىلارنى تۆۋەن كۆرۈشتىن توسىدۇ. پۇل-مالنى ئىسراپ قىلىشنىڭ بەزى شەكىللىرىنى ئىسلام قانۇنىدا ئوچۇق ھارام دەپ بەلگىلىگەن، بەزى شەكىللىرىنى ئوچۇق ھارام دېمىگەن بولسىمۇ، ئىسلامىي ھۆكۈمەتكە دۆلەت ئىچىدە ئىسراپچىلىقلارنى توسۇشقا ھوقۇق بەرگەن.

توغرا يوللار بىلەن تاپقان مال-مۈلۈكنى دۇرۇس ئىشلارغا سەرپ قىلغاندىن كېيىن ئاشقىنىنى توپلاپ ساقلىسىمۇ، كۆپەيتىش ئۈچۈن باشقا كەسىپ-تىجارەتلەرگە دەسمى قىلسىمۇ بولىدۇ، لېكىن بۇ ئىككى ھوقۇقتىمۇ چەكلىمە بار، توپلىغان پۇل ھەر يىلى ئۆلچەمدىن ئاشقان بولسا، زاكىتىنى بېرىش كېرەك. تىجارەتكە دەسمايە سالماقچى بولسا، پەقەت توغرا، ھالال تىجارەتكە ئىشلىتىشكە بولىدۇ. توغرا تىجارەت ئۆزى دەسمى سالغان تىجارەت بولسۇن ياكى باشقا بىرسىگە ئۆزىنىڭ دەسمىسى بىلەن پۇل، يەر ۋە ماشىنا سايمانلارنى بېرىپ، پايدا-زىيىنىغا شېرىك بولىدىغان تىجارەت بولسۇن ھەر ئىككىلىسى توغرا.

كىمكى مۇشۇ چەك-چېگرا ئىچىدە تۇرۇپ مىليونېر بولۇپ كەتسىمۇ، ئىسلامنىڭ نەزىرىدە ھېچقانداق خاتالىق ھېسابلانمايدۇ. بەلكى ئۇنى ئاللاھ تائالانىڭ بەندىسىگە قىلغان ئىنئامى ۋە نېئمىتى دەپ ھېسابلايدۇ، لېكىن ئاممىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىككى شەرتنى قويىدۇ. بىرىنچىسى، تىجارەت مېلىغا زاكات، زىرائەتتىن ئالغان مەھسۇلاتلارغا ئۆشرە ئادا قىلىش. ئىككىنچىسى، تىجارىتىگە ياكى زىرائىتىگە شېرىك بولغان ياكى مائاشقا ئىشلەيدىغانلارغا قارىتا مۇئامىلىدە ئادىل بولۇش، ئۇلارنىڭ ھەققىنى ئىنساپ بىلەن ئادا قىلىش، ئەگەر ئۇ ئۇلارغا ئادىل بولمىسا، ئىسلامىي ھۆكۈمەت ئۇنى ئادىل بولۇشقا مەجبۇرلايدۇ.

يەنە ئىسلام توغرا يوللار ۋە چەكلىمە ئىچىدە تاپقان مال-مۈلۈكنى ئۇزۇن مۇددەت بېسىپ يېتىۋېلىشقا ۋە توڭلىتىۋېلىشقا يول قويمايدۇ. بەلكى مىراس قانۇنى ئارقىلىق بىر ئەۋلاتتىن يەنە بىر ئەۋلاتقا تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ. بۇ مەسىلە توغرۇلۇق ئىسلام قانۇنىنىڭ تۇتقان يولى دۇنيادىكى باشقا ھەر قانداق قانۇنلاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. ئىسلام قانۇنى بىر ئادەمنىڭ ھاياتىدا تاپقان مال-مۈلكىنى ئۇ ئادەم ئۆلگەندىن كىيىنلا دەرھال ئۇنىڭ يېقىن ئۇرۇق-تۇققانلىرىغا تەقسىم قىلىپ بېرىشكە بۇيرۇيدۇ. ئەگەر يېقىن ئۇرۇق-تۇققانلىرى بولمىسا، نەسەب ياكى نەسلى تەرەپتىن تۇتۇشىدىغان يىراق تۇغقانلىرىغا، ئەگەر ئۇلارمۇ بولمىسا، ئۇنىڭ مىراسى پۈتۈن مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىگە مەنسۇپ بولىدۇ. شۇنىسى ناھايىتى ئېنىقكى، يۇقىرىدىكى شەرت ۋە بەلگىلىمىلەر مال-مۈلۈكنى بېسىپ يېتىۋېلىشتىن كېلىپ چىقىدىغان ھەر قانداق زىياننىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

سەيىد ئەبۇلئەلا مەۋدۇدى

مەرىپەت ژورنىلى 2015- يىلى 4-سان